作词 : Nurahmatjan Seydi
يامان دىسەڭ مەيلى مەن يامان
كۆردۈڭمۇ يار مەندىن ياخشىنى
كەتتىڭ گۈلۈم ئۆزگىنى سۈيۈپ
مەنمۇ سۆيۈپ باقاي باشقىنى
كەتسە مەيلى ئۆزگىنى سۆيۈپ
مەنمۇ سۆيۈپ باقاي ياخشىنى
ئۆزگىلەرگە كۆڭلۈڭنى بېرىپ
كەتكىنىڭدە يالغۇز يۈرۈپ باق
مېنى ئۇنتۇپ يالغۇز ئۆيۈڭدە
ئەمدى سەنمۇ مەنسىز كۈلۈپ باق
مەنمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن كۈنۈمدە
ئەمدى سەنمۇ مەنسىز كۆنۈپ باق
يامان بولدى سېنى سۆيگۈنۈم
سېنى جاندىن ئەزىز كۆرگۈنۈم
سەنسىزلىكتە يالغۇز يۈرگىچە
ياخشى ئىدى بۇندىن ئۆلگىنىم
يالغان ئىكەن قىلغان سۆزلۈرۈڭ
ماڭا يالغان كۈلگەن كۆزلۈرۈڭ
سۆيۈپ تۇرۇپ سۆيۈلەلمىدىم
ياخشى ئىدى بۇندىن ئۆلگىنىم
سەنسىزلىگىم بولدىغۇ يامان
قەيەردە بول بولغىن سەن ئامان
بەخىت تىلەپ ئۇزىتاي سېنى
بۇ سۆيگىمىز بىزلەردىن تامان